باشبەت   ئالاقە پاراڭ  ئۇيۇن  رەسىم  ئۇن-سىن  تەرجىمان  ئىكران-تەگلىك  توركۆرگۈ  سىستېما قۇراللىرى  باشقائەپلەر

ئىزدەن كۆپ تىل تەرجىمانى

2017-02-24 06:29:58 -0500تۇرى: تەرجىمان

ئەپنىڭ تەپسىلاتى: ئىسمى: ئىزدەن كۆپ تىل تەرجىمانى خارەكتىرى: رەسىمدىن خەت تۇنۇش، تەرجىمان سىغىمى: سىناق نۇسقىسىنىڭ سىغمى 21 مېگابايىت مەشفۇلات تىلى : ئۇيغۇرچە سېستىما تەلىپى: ئاندروتىد 4.2 دىن يۇقىرى بولغان سېستىما ئەپنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈلىشى: مەزكۇر ئەپ رەسىمدىن خەت تۇنۇپ ئاندىن شۇ خەتنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان بۇلۇپ، ھەممىمىزگە مەلۇملۇقكى تەتقىقاتچى ئۇستازلار ۋە شىركەتلەرنىڭ شەخسىيەتسىز تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچىنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان مۇكەممەل كەسىپلەشكەن ئەپ ۋە تور بېكەتلەر خېلە كۆپ بارلىققا كەلدى، لىكىن رەسىمدىن خەت تۇنۇش ئۈستىدە ئىقتىدارى مۇكەممەلراق بولغان، كۆپ تىلنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىپ بېرىدغان ئەپ يوقتەك تۇيۇلۇپ، نەچچە ئايدىن بۇيان ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇ ئەپنى پۈتتۈردۈم، مەزكۇر ئەپنىڭ تۆت خىل ئاساسىي ئىقتىدارى بۇلۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. كامېرادىن خەت تۇنۇش ۋە تەرجىمە قىلىش، سىز مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق يانفۇن كامېراسىنى قوزغىتىپ مەلۇم تىلدىكى خەتكە توغرىلاپ كۇنۇپكىنى باسىڭىز، ئەپ كامېرا ئالدىدىكى خەتنى تۇنۇپ ئاندىن سىزگە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ، مەزكۇر ئىقتىدار ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق تىلنى قوللايدۇ.
  2. يانفۇندىكى رەسىمدىن خەت تۇنۇش ۋە تەرجىمە قىلىش، سىز مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق يانفۇنىڭىزدىكى مەلۇم رەسىمنى ئېچىپ ئاندىن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز. ئەپ شۇ رەسىمدىكى خەتنى تۇنۇپ سىزگە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ، مەزكۇر ئىقتىدارمۇ ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق تىلنى قوللايدۇ.
  3. تېكىست تەرجىمە قىلىش، مەزكۇر ئىقتىدار ئارقىلىق سىز 100 گە يېقىن تىلدىكى سۆز ياكى جۈملىلەرنى بىربىرىگە تەرجىمە قىلالايسىز، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىمۇ مۇشىنىڭ ئارىسىدا بار، ئەگەر سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىل تىزىملىكتە بولمىسا "خالىغان تىل" دىگەننى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەپ ئۆزى سىزنىڭ قايسى تىلنى كىرگۈزگەنلىكىڭىزگە ھۈكۈم قىلىدۇ. 4.  تىل بولىقى چۈشۈرۈش، رەسىمدىن خەت تۇنۇشقا تىل بولىقى كېتىدىغان بولۇپ، ھەممە تىل بولىقىنى ئەپكە قاچىلىۋەتسەم ئەپ بەك چوڭ بۇلۇپ كەتكۈدەك، شۇڭا تىل بولىقىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن چۈشۈرىدىغان قىلدىم. ئەپتىن رەسىملەر:
*********************

بلوگىمىزدىن ئەپلەرنى نۇرمال چۇشۇرىشىڭىز ئۇچۇن تۇۋەندىكى توركۆچلەرنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز

ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ توركۆرگۇچلەر

«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N