ياخشىمۇسىلە بىلىملەر مۇنبىرىدىكى بىلىمخۇمارلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ،(بىكەت باشلىقىغا ئازراق تەكلىپىم ئىنتىرنىت دەۋىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ تور بىكەتنى كومپىيوتىردا زىيارەت قىلغانغا قارىغاندا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە زىيارەت قىلىشى يۇقىرى سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،شۇڭا بىلىملەر تورنىڭ كۆچمە نۇسقىسىنى ياساپ چىقساق بۇلاتتى شەخسەن ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيتسام مەن بىلىملەر تورى بىلەن تۇنۇشقىلى 6يىلدىن ئىشىپتۇ بۇرۇن كۈندە دىگىدەك ئىچىپ تۇراتتىم ھازىر داۋاملىق كومپىيوتىر ئالدىدا بۇلالمىغاچقا ئۈچ تۆت كۈندە بىرە ھەپتىدە ئاران بىر زىيارەت قىلىمەن ،ھازىر يانفۇن ھەممەيلەننڭى ئايرىلماس بىر قىسىمىمىزغا ئايلاندى بىلىملەرنى يانفۇندا زىيارەت قىلىش ئەمەلگە ئاشسا خالىغان ۋاقىتتا يانفۇندىلا بىلىملەرنى زىيارەت قىلالىساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن ،قالغىنى بىكەت باشلىقى ۋە ئەزالار نىمە دەيدۇ شۇنىڭغا قارايمەن، بىكەت باشلىقىنىڭ ۋاقتى چىقمىسا بىز ياساپ چىقساقمۇ بۇلاتتى )
يىقىندىن بىرى ھەرخىل كىنو ئەپچاق ۋە كىنو سالونلىرى ئىچىۋاتقان تورداشلارغا كىنو مەنبەسەنىڭ كەمچىل بۇلىشى سەۋەبلىك سىلەرگە ئەپچاقتىن كىنو ئادىرىسى تۇتۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن
ئالدى بىلەن كومپىيوتىرىمىزغا fiddler نى چۈشۈرىمىز (مەنبە تۇتۇش دىتالى )
بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
دىتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن پىرىستىن يىشىپ ئىچىدىكى Fiddlerدىگەننى بىسىپ دىتالنى قوزغىتىمىز ،بۇ دىتال ئەسلى ھەقلىق ھەم ئىنگىلىسچە دىتال بۇلۇپ مەن يىشىۋىتىلگەن يىشىل ھالەتتىكى دۆلەت تىلى تىلىدىكى دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ قويدۇم دىتالنى قاچىلاش ھاجەتسىز بىسىپلا قوزغۇتالايسىز ئەسكەرتىش ،دىتالنى ئاچقاندىن كىيىن يىڭىلامسىز دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ ،بۇ يەردە سىز ياق دىگەننى بىسىڭ يىڭىلىۋەتسىڭىز ھەقسىز ئىشلىتەلمەيسىز
دىتالنىڭ قوزغاتقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرىنىدۇ
بىز ئالدى بىلەن دىتالنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرىنى تەڭشىۋالىمىز
دىتالنىڭ ئۈستى تىزىملىكتىكى 工具 نى بىسىپ چىققان تىزىملىكتىن 选项نى باسىمىز
باسقاندىن كىيىن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ
بۇ يەردىن كۆزنەكنىڭ httpsدىگەن تاللىغۇچىغا كىرىپ 解密https流量دىگەنگە توغرا بەلگىسى قۇيساق بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ
بۇ ئەسكەرتىشتىن yesدىگەننى باسىمز ،بۇ Fiddlerنىڭ 证书سىنى قاچىلايدىغان يەر بۇ يەرنى چۇقۇم قىلىشىمىز كىرەك بولمىسا دىتالنى نۇرمال ئىشلىتەلمەيمىز
yesنى باسقاندىن كىيىن يەنە بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ بۇ يەردىن يەنە 是نى باسىمىز
是نى باسقاندىن كىيىن يەنە بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ يەنە 是نى باسىمىز
باسقاندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ بۇ 证书نىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك قاچلانغانلىق ئەسكەرتىشى
ئاندىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگە ئورۇنغا بەلگە قۇيۇپ مۇقۇملاشنى باسقاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرى تۈگەيدۇ
ئەمدى ئادىرىس تۇتشنى باشلىساق بۇلىدۇ
ئەمدى بىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان ئەپچاقنى ئۈندىدارنىڭ كومپىيوتىر نۇسقىسىدا ئاچىمىز ،سىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان ئەپچاق بۇيەدە كۆرۈنمىسە ئۈندىدارنىڭ يانفۇن نۇسقىسىدا شۇ ئەپچاقنى بىر قىتىم ئىچىۋەتسىڭىز كۆرىنىدۇ
ئەپچاقنى ئاچقان ھامان دىتال ئەپچاقتىكى رەسىم ۋە باشقا مەنبەلەرنى تۇتۇشقا باشلايدۇ
بۇ يەردە بىز ئادىرىسىنى ئالماقچى بولغان كىنونى قۇيىمىز ،قويغاندىن كىيىن ئادىرىس تۇتۇشقا باشلايدۇ ،بۇ دىتال بىۋاستە كىنونىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تۇتىدىغان بۇلۇپ بىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان كىنونىڭ m3u8فورماتىدىكى ئادىرىسىنى تىپىپ بىرىدۇ بىز بۇ ئادىرىسنى m3u8 نى بىرلەشتۈردىغان دىتاللار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ كومپىيوتىرىمىزغا mp4ھالەتتە ساقلىۋالىمىز ۋە بىر مۇقىم بوشلۇق تىپىپ شۇنىڭ كىنونى شۇ بوشلۇققا يوللىساق كىنونىڭ ئادىرىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللايمىز (阿里云ossنى تەۋسىيە قىلىمەن ) ياكى كىنونى سالونغا يوللاپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن wxvئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللىسالارمۇ بۇلىدۇ
بۇ يەردە بىز پارچىلانغان فىلىمنىڭ خالىغان بىر پارچىسىنى تاللايمىز ئەسكەرتىش: فىلىنىڭ سۈرىتى بارى ئەمەس چۇقۇم ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك رەسىمى با خالىغان بىر پارچىسىنى تاللايمىز
تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىپ كۆچۈرۈش دىگەننى بىسىپ كۆچۈرىۋالىمىز ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
كۆچۈرگەن ئادىرىسنى تور كۆرگۈچكە ياكى خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ كۆرۈپ باقىمىز ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىڭەيتىلگەن نامى m3u8بولسا توغرا بۇلىدۇ ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
ئەمسى بىز فىلىمنى بىرلەشتۈرۈشكە باشلايمىز بىرلەشتۈردىغان دىتالنى
بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
دىتالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن پىرىستىن يىشىپ دىتالنى ئاچىمىز
دىتالنى ئاچقاندىن كىين ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ
دىتال ئىچىلغاندىن كىيىن ئۈستىدىكى كاتىكچىگە بايا بىز كۆچۈرىۋالغان m3u8ئادىرىسىنى چاپلايمىز چاپلاپ 添加نى باسىمىز ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
添加بە باسقاندىن كىيىن ۋەزىپە سىتونىدا بىز بىرلەشتۈرمەكچى بولغان فىلىمنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ
بۇ يەدىن بىز 全部开始نى باسىمىز باسقاندىن كىيىن بىرلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ
سەل ساقلاپ تۇرساق بىرلەشتۈرۈپ بولغانلىقنى ئەسكەرتىدۇ
بۇ چاغدا بىز دىتالنىڭ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ output دىگەن ھۆجەت قىسقۇچنى ئىچىپ قارايمىز
قارىساق كىنونىڭ mp4ساقلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز
كىنونى قۇيۇپ باقساقمۇ نۇرمال قۇيۇلىدۇ
ئەمدى بىر مۇقىم بوشلۇق تىپىپ شۇنىڭ كىنونى شۇ بوشلۇققا يوللىساق كىنونىڭ ئادىرىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللايمىز (阿里云ossنى تەۋسىيە قىلىمەن ) ياكى كىنونى سالونغا يوللاپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن wxvئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللىسالارمۇ بۇلىدۇ دەرىسلىك مۇشۇ يەدە ئاخىرلاشتى كۆپچىلىككە رەخمەت
ئاخىرىدا دىتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يەنە بىر تەمىنلەي
مەنبە تۇتۇش دىتالىنى
بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
بىرلەشتۈرۈش دىتالىنى
بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
ئەسكەرتىش: بۇ دەرسىلىكنى كۆرۈپ ھەرقانداق نەشىر ھۇقۇقىغا چىتىلىدىغان كىنولارنىڭ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ ،ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا چىتىلىدىغان كىنولارنىڭ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئىشلىتىپ كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە بىلىملەر تورى ۋە تىما تەييارلىغۇچى مەسئۇل بولمايدۇ